69 HAKKA

  • 69:1

    (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت

  • 69:2

    قىيامەت نېمىدۇر؟

  • 69:3

    قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

  • 69:4

    سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى

  • 69:5

    سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى

  • 69:6

    ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى

  • 69:7

    اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن

  • 69:8

    ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟

  • 69:9

    پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى

  • 69:10

    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى

  • 69:11

    شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)

  • 69:12

    شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)

  • 69:13

    بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا،

  • 69:14

    زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر - بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا،

  • 69:15

    بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ

  • 69:16

    ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ

  • 69:17

    پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

  • 69:18

    بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ قا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر

  • 69:19

    نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ

  • 69:20

    نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ

  • 69:21

    ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ

  • 69:22

    ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ

  • 69:23

    ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ

  • 69:24

    (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ

  • 69:25

    نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!

  • 69:26

    ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!

  • 69:27

    دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!

  • 69:28

    مېنىڭ مال - مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى

  • 69:29

    مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»

  • 69:30

    (اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار،

  • 69:31

    ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار،

  • 69:32

    ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»

  • 69:33

    (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى

  • 69:34

    مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى

  • 69:35

    بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر

  • 69:36

    ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر

  • 69:37

    ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ

  • 69:38

    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)

  • 69:39

    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)

  • 69:40

    بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر

  • 69:41

    ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر

  • 69:42

    ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر

  • 69:43

    (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

  • 69:44

    ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا،

  • 69:45

    ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق

  • 69:46

    ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق

  • 69:47

    سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى

  • 69:48

    شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر

  • 69:49

    بىز شەك - شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار

  • 69:50

    قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ

  • 69:51

    قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر

  • 69:52

    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

Paylaş
Tweet'le