77 MÜRSELAT

  • 77:1

    ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،

  • 77:2

    قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،

  • 77:3

    (بۇلۇتلارنى اﷲ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،

  • 77:4

    (ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

  • 77:5

    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

  • 77:6

    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

  • 77:7

    (ئى مەككە كۇففارلىرى!) سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر

  • 77:8

    يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا

  • 77:9

    ئاسمان يېرىلغان چاغدا

  • 77:10

    تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا

  • 77:11

    پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)

  • 77:12

    (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟

  • 77:13

    خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)

  • 77:14

    ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟

  • 77:15

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:16

    (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟

  • 77:17

    ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق

  • 77:18

    گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)

  • 77:19

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:20

    سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟

  • 77:21

    ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق

  • 77:22

    ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق

  • 77:23

    بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!

  • 77:24

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:25

    زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟

  • 77:26

    (يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)

  • 77:27

    بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق

  • 77:28

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:29

    (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)

  • 77:30

    (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)

  • 77:31

    ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ

  • 77:32

    ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ

  • 77:33

    ئۇ ئۇچقۇنلار قارا - سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ

  • 77:34

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:35

    بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ

  • 77:36

    ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ

  • 77:37

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:38

    بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز

  • 77:39

    ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار

  • 77:40

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:41

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

  • 77:42

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

  • 77:43

    (ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال - خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)

  • 77:44

    شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

  • 77:45

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:46

    (كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بۇلۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ)

  • 77:47

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:48

    ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ

  • 77:49

    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

  • 77:50

    ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت - بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ

Paylaş
Tweet'le